«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت قوغداش بەلگىلىمىسى» كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدىكەن

ئىگىلىنىشىچە، 12-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت قوغداش بەلگىلىمىسى» نى تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىت قوغداش بەلگىلىمىسى» 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدىكەن.

بۇ تىپىك ئىچكىي قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا مەنسۇپ، ئېكولوگىيەلىك سەزگۈرلىكى ئەڭ كۈچلۈك بولغان، خىتاي تېرىتورىيەسىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇنجى قېتىم مۇھىت ئاسراش ھەققىدە چىقىرىلغان بىر بەلگىلىمە ئىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي بويىچە مۇھىت مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر، سۇ مەنبەسى ئەڭ كەمچىل، بوستانلىق كۆلىمى ئەڭ كىچىك بولغان رايون بولۇشىغا قارىماي ھازىرغا قەدەر ئۆز ئالدىغا مۇھىت قوغداش ھەققىدە ئۈنۈملۈك بولغان قانۇنىي بەلگىلىمىسىنىڭ بولمىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇزۇلۇشى خىتاينىڭ باشقا ھەرقانداق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلىرىغا قارىغاندا ئەڭ ئېغىر بولۇپ، نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا يەر ئاستى بايلىقلىرىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى قېزىلىشى بۇ يەرنىڭ مۇھىتىنى ناچارلاشتۇرىۋەتكەن.

ئۇلار بىردەك، «مۇھىت قوغداش بەلگىلىمىسى» نىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەمدىلىكتە يولغا قويۇلماقچى بولغانلىقى «مۇھىتنى بۇزۇپ بولۇپ قايتا ئوڭشاشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس»، دەپ ھېسابلىماقتا.