ئۈرۈمچىدە ئاتاقلىق مۇقامشۇناس،مۇزىكانت زىكرى ئەلپەتتا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام مەركىزىدە ئاتاقلىق مۇزىكانت مەرھۇم زىكرى ئەلپەتتا تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق خاتىرە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.

خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن مۇزىكانتلار جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللىي مۇزىكا، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ساھەلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان 100 دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشقان.

خاتىرىلەش پائالىيىتىدە مەرھۇم مۇزىكانت زىكرى ئەلپەتتانىڭ سەنئەتكە بېغىشلانغان ھايات مۇساپىسى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكا ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۆلمەس ئەسەرلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.

مەلۇمكى، ئاتاقلىق مۇزىكانت ۋە مۇقامشۇناس زىكرى ئەلپەتتا 1915-يىلى ئىلىدا تۇغۇلغان. ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرغان 1930-ۋە 1940-يىللاردا ئۇ ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ئىجادىيەتلىرى بىلەن ئىلى ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ «رۇخسارى» ناملىق مۇقامى، «زۆھرە جانىم»، «قىزىل گۈل»، «تەنلىرىم ياپراق» قاتارلىق داڭلىق ناخشىلارغا ئىشلىگەن بىر قاتار مۇزىكىلىرى ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكا تارىخىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. مەرھۇم زىكرى ئەلپەتتا 1986-يىلى ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.