خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي كومىتېتى يىغىندا «غەربىي رايون» نىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى تەكىتلەنگەن

مۇتەخەسسىسلەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە چېگرا مۇقىملىقىنى قوغداش دېگىنىنى، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، شى جىنپىڭنى مەركەز قىلغان كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 23-ئاۋغۇست يىغىن چاقىرىپ، ئاتالمىش «غەربىي رايوننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈشتىكى بىر قانچە سىياسەت ۋە تەدبىر» نى تەكشۈرگەن. يىغىنغا خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلغان. مەزكۇر خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن:

«غەربىي رايوننىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈش تەدبىرى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك قارار. ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ۋە قەتئىي ئىجرا قىلىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، خىتايچە ئۇسلۇبىدىكى زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

ھالبۇكى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىۋاتقان ئامېرىكادىكى گوردون چاڭغا ئوخشاش سىياسىي ئانالىزچىلار خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان غەربىي رايوننىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈش تەدبىرىنىڭ «غەربىي رايون» نىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە شى جىنپىڭنىڭ شەخسنى مەركەز قىلغان مۇستەبىت ھاكىممۇتلەقلىك ھۆكۈمرانلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي ۋە باشقىلار ئۇيغۇر ئېلىدە تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت ۋە مۇقىملىقنى قوغداشنى كۈچەيتىشنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

مەزكۇر خەۋەردە، يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «غەربىي رايوننىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادىي سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ياخشىلاش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېنېرگىيە مەنبەسى بىخەتەرلىكى، يېڭى تىپتىكى شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە چېگرا مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش لازىم».

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن باشلاپ ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدىكى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ئەڭ نۇقتىلىق تۈرلەردىن بولۇپ قالغان. بۇ ئەھۋال بولسا خىتاي ئاخباراتلىرىدا «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەت سىياسىتىدە ‹بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى قوغداش› نامىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

گوردون چاڭ ۋە ئاندېرس كورغا ئوخشاش مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە چېگرا مۇقىملىقىنى قوغداش» ۋە «ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى» قاتارلىق پەرقلىق نامىدىكى سىياسەتلەرنى تەرغىب قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە قاراتقان مەجبۇرىي خىتايلاشتۇرۇشتەك ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى خىتاي كومپارتىيە تارىخىدىكى ئەڭ يۈكسەك دەرىجىگە يەتكۈزگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.