ما شىڭرۇي «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى ئىزدەش» نى تەلەپ قىلغان
2024.07.19
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 15-ئىيۇلدىن 18-ئىيۇلغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 20-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنى ئاخىرلىشا-ئاخىرلاشمايلا بۇ يىغىننىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىشنى باشلىۋەتكەن.
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 3-ئومۇمىي يىغىن ئاخىرلىشىپ ئەتىسىلا، يەنى 19-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يىغىن چاقىرىپ، 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. يىغىندا شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى داۋاملىق ئىزدەش تەلەپ قىلىنغان.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 19-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە، يىغىن 3-ئومۇمى يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى «شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىي، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ۋە تولۇق ئىجرا قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش» تەلەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.
خەۋەردە، مەزكۇر يىغىن ئۇيغۇر ئېلىدە 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىشنىڭ كەڭ تەشۋىقات سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما قايسى ساھەلەردە، قانداق كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. بېيجىڭ جىڭشى مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ ئاخباراتىدا، تېخنولوگىيە تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىقنى ياخشىلاش، خامچوت، باج، مالىيە سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئىستېمال ۋە ئۆي-مۈلۈك بازىرىدىكى كاساتچىلىق، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز كىرىزىسى قاتارلىق ھالقىلىق ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلمىگەن.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇينىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، «شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى داۋاملىق ئىزدىنىش»تەلەپ قىلىنغان.