ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا 500 گە يېقىن مۇساپىر قازاغا ئۇچرىغانلىقىنى دەلىللىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى 20- ئاپرېل چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن ھەپتە ئوتتۇرا دېڭىزدىكى بىر كېمە ئۆرۈلۈش ۋەقەسىدە نەچچە يۈز كىشىنىڭ قازاغا ئۇچرىغانلىقىنى دەلىللىدى. باياناتتا «بۇ بىر يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بولغان مۇساپىرلار كېمىسى ئۆرۈلۈش ۋەقەسى» دېيىلدى.

دۈشەنبە كۈنى ئىتالىيە ئەمەلدارلىرى 16-ئاپرېل يەنى ئۆتكەن شەنبە كۈنى نەچچە يۈز مۇساپىرنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدا قازاغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق تاراتقۇلاردا ھازىرغا قەدەر 41 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقى، ئۇلارنىڭ سومالى، ئېفوپىيە ۋە سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خەۋەرلەردە يەنە بۇ كىشىلەردىن ئېلىنغان مەلۇماتلار نەقىل ئېلىنىپ، «ئۇلارنىڭ لىۋىيەنىڭ توبرۇك پورتىدىن ياۋروپاغا قاراپ ماڭغاندا، كېمىدە ئادەم زىيادە كۆپ بولغىنى ئۈچۈن يولغا چىقىپ نەچچە سائەتتىن كېيىن ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكى» بىلدۈرۈلگەن.

خەلقئارا مۇساپىرلار تەشكىلاتنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل تەخمىنەن 180 مىڭ مۇساپىر ياۋروپاغا يېتىپ كەلگەن. تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئۆز دۆلىتىدىن ئايرىلىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يەرلىشىش ئۈچۈن يولغا چىققان مۇساپىرلاردىن بۇ يىل 1- ئايدىن 4- ئايغا قەدەر ئۆلۈپ كەتكەن ۋە يوقاپ كەتكەنلەر سانى 760 تىن ئاشقان.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org