د ئۇ ق مۇشۇ ئاينىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى تەتقىقات دوكلاتى- «ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئاق تاشلىق كىتابى» نى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر ئورگاننىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر ئاق تاشلىق كىتاب يېزىلىپ پۈتكەن بولۇپ، كىتاب مارتنىڭ ئاخىرلىرىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.
«ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئاق تاشلىق كىتابى» ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىراق، سۈرىيە ۋە شىمالىي ئافرىقىلىق كۆچمەنلەر دولقۇنىنىڭ جىددىي خىرىسىغا دۇچ كېلىپ، ھۆكۈمەتلەر ھەر خىل تەدبىرلەرنى ئالغان، ياۋروپا جەمئىيىتىدە كۆچمەنلەرگە قارشى خاھىش كۈچەيگەن مەزگىلدە تەييارلانغان.
د ئۇ ق نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھازىر ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئېغىر بىر مەسىلىگە ئايلانغان. ھالبۇكى، ھازىر كۆچمەنلەر مەسىلىسى ياۋروپا ۋە گېرمانىيەدە ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە. يېقىنقى بىر يىلدا سۈرىيە، ئىراق قاتارلىق ئەللەردىن نەچچە يۈز مىڭ كۆچمەن گېرمانىيەگە ئېقىپ كىرگەن.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا: «بىز بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈپ يەتتۇق، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى خەلقئارا كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ بىر پارچىسى. شۇڭا، بىز بۇ دوكلاتنى تەييارلاپ چىقتۇق» دېگەن.
د ئۇ ق ئىلگىرى بۇ يىل 25 - ۋە 26 -مارت كۈنلىرى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە خەلقئارا يىغىن چاقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتاب دەل شۇ يىغىننىڭ ھارپىسىدا تەييارلانغان.
