ۋاكالەتسىز مىلەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى تايلاندنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى
2016.06.03
ۋاكالەتسىز مىلەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى. مەزكۇر تەشكىلات 2-ماي ئېلان قىلغان باياناتىدا، « بىز - ۋاكالەتسىز مىلەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى تايلاند ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ باڭكوك يىغىۋېلىش مەركىزىدىكى ناچار شەرت-شارائىتىنى ياخشىلاشقا، مۇتلەق كۆپ قىسمى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان بۇ كىشىلەرنى شەرتسىز ۋە دەرھال قويۇپ بېرىشكە، قالغانلىرىنىڭ ئادىل سوتلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز» دېيىلگەن.
يېقىندا تايلاندتىكى بىر قانچە يىغىلىش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار رادىيومىزغا خەت يېزىپ، ئاچلىق ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار، ئاچلىق ئېلان قىلىپ، تايلاند دائىرىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە تۇتقان غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلىسىگە، ئۆزلىرىنى داۋاملىق قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ۋاكالەتسىز مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە «خەلقئارا جامائەتكە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى سىياسىي مەقسەتلىك قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ۋەقەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەققىدە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىمىز. ئاچلىق ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تراگېدىيەلىك ئەھۋالىغا قارىتا تېز تەدبىر ئېلىش چاقىرىمىز» دېگەن.
2015-يىلى ئىيۇلدا خىتاي ھۆكۈمىتى تايلاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىدىن 100 دىن ئارتۇق كىشىنى قايتۇرۇپ كېتىپ، 60 تەك مۇساپىر قېلىپ قالغان. تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىمۇ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ئېھتىمالى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سېلىپ كەلگەن ئىدى.









