2013-يىلى لاداق يولى ئارقىلىق ھىندىستاننىڭ جامۇ-كەشمىر رايونىغا قېچىپ چىققان 3 نەپەر ئۇيغۇر جامۇ-كەشمىر يۇقىرى سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، سىياسىي پاناھلىق سورىغان. «بۈيۈك كەشمىر» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئادىل، ئابدۇخالىق ۋە ئابدۇسالام ئىسىملىك 3 ئۇيغۇر مۇساپىر 2013-يىلى 6-ئايدا لاداق يولى ئارقىلىق ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى جامۇ-كەشمىرگە قېچىپ چىققان.
ئۇلار لاداقنىڭ لې رايونى سۇلتان چۇسۇ، دېگەن يېرىدە ھىندىستان ئارمىيەسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ئەسكەرلەر ئۇلارنى ھىندى-تىبەت چېگرا ساقچىلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇلار ساقچىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن كېيىن شۇ يىلى 8-ئايدا ھىندىستان چەتئەللىكلەر قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلانغان ۋە بىر يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
«بۈيۈك كەشمىر»گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ جازا مۇددىتى 2015-يىلى 1-ئايدا توشقان بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستان قانۇنىغا ئاساسەن داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلغان. ئۇلار جامۇ-كەشمىر جەمئىيەت بىخەتەرلىك قانۇنىدىكى چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن چەتئەللىكلەرنى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلغىچە داۋاملىق نەزەربەند قىلىش كۆرسەتمىسى بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلغان. ئەمما ئۇيغۇر مۇساپىرلار نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇپ، جامۇ-كەشمىر يۇقىرى سوتىغا سىياسىي پاناھلىق ئەرزى سۇنغان.
ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئادۋوكاتى ساچىن گۇپتا «بۈيۈك كەشمىر» گېزىتىگە بەرگەن ئۇچۇرىدا، ھىندىستان ۋە جامۇ-كەشمىر ھۆكۈمىتىنى ئۇلارنىڭ پاناھلىق ئەرزىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرغان. ئۇيغۇر مۇساپىرلار جامۇ-كەشمىر يۇقىرى سوتىغا سۇنغان ئەرزىدە، «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيىتى تەرىپىدىن خىلاپلىق قىلىنىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسىتىپ، ئەگەر ئۇلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە، جازالىنىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان.