ھىندونېزىيە يەنە بىر ئۇيغۇر گۇماندارنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ھىندونېزىيە بۈگۈن ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا چېتىشلىق يەنە ئىككى گۇماندارنى قولغا ئالغانلىقىنى، بۇلاردىن بىرىنىڭ خىتاي دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر مىللىتىدىن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە گۇماندارلاردىن بىرى ئارىف ھىدايىتۇللاھ دەپ تىلغا ئېلىنغان، ئەمما ئۇنىڭ مىللەت تەۋەلىكى ئەسكەرتىلمىگەن. يەنە بىر گۇماندارنىڭ ئىسمى ئاللى، مىللىتى ئۇيغۇر دەپ ئەسكەرتىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككى گۇماندار ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئورۇندا تۇتقۇن قىلىنغان. مەزكۇر ئاگېنتلىقنىڭ ھىندونېزىيە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر گۇماندار ئاللى ھىندونېزىيەگە ئىككى ئاي ئاۋۋال ساختا كىملىك قوللىنىپ بومبا ياساش ۋەزىپىسى بىلەن كىرگەن. خەۋەردە بۇ گۇماندارلارنىڭ روژدېستۋو بايرىمى مەزگىلىدە خرىستىئان جامائىتى مەركەزلەشكەن جايلارغا ھۇجۇم قىلىش گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ھىندونېزىيە ئۆتكەن يىلىمۇ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا چېتىشلىق دەپ قارالغان ئەخمەت بوزئوغلان قاتارلىق 4 نەپەر ئۇيغۇر گۇماندارنى قولغا ئالغان ئىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر دىنىي زاتلاردىن ئابدۇقادىر ياپچان ئۆتكەن ئايدا تەيۋەننىڭ بىر ئاخبارات ئورگىنىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر قوراللىق كۈچلىرىنىڭ پەقەتلا خىتاي ئىشغالىيىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ باشقا دىن، باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.