پرېزىدېنت ئوباما مۇسۇلمان مۇساپىرلارنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلماسلىق پىكرىنى تەنقىد قىلدى

پرېزىدېنت ئوباما مۇسۇلمان مۇساپىرلىرىنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلماسلىق پىكرىنى تەنقىدلەپ، مۇساپىرلارغا دىنىي ئۆلچەم قويۇشنىڭ ئامېرىكا قىممەت قارىشىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى ئامېرىكىدا سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش-قىلماسلىق ھەققىدە مۇنازىرە قوزغىغان.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى 132 ئادەم ئۆلگەن پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمدا بەزى تېررورچىلارنىڭ سۈرىيە مۇساپىرلىرىغا قوشۇلۇپ ياۋروپاغا كىرگەنلىكىنى بايقىغان. بۇ ئەھۋال غەرب ئەللىرىنىڭ ھوشيارلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

ئامېرىكىدا پرېزىدېنتلىققا نامزات بەزى جۇمھۇرىيەتچىلەر مۇسۇلمان مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش بىخەتەرلىككە تەھدىت كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پەقەت سۈرىيەلىك خرىستىئان مۇساپىرلارنىلا قوبۇل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پرېزىدېنت نامزاتى تەد كرۇز شۇ پىكىردىكى سىياسەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مۇسۇلمان مۇساپىرلارنى ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىراق، پرېزىدېنت ئوباما بۇ پىكىرنى «نومۇس قىلارلىق» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، بۇ سۆزنى تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن ئاخبارات يىغىنىدا قىلدى. ئوباما سۆزىدە، بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزى، سىياسىي زىيانكەشلىكتىن قېچىپ كېلىپ قوغداشقا ئېرىشكەن ئائىلىلەردىن كېلىپ چىققانلىقىنى تەكىتلىدى. ئوباما ھۆكۈمىتى بۇ يىل 9‏-ئايدا سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.