خىتاي تور بەتلىرىدە مۇسۇلمانلارغا قىلىنىۋاتقان ھۇجۇم خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-09-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدىكى بىر قىسىم تور بەتلەردە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا مۇسۇلمانلارغا قارشى قىلىنىۋاتقان ھاقارەت خاراكتېرىدىكى مۇنازىرىلەر چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

بۇ ھەقتە «دىپلومات» ژۇرنىلى ۋە ئەنگلىيە «ئېكىسپرېس» گېزىتىنىڭ خەۋەرلىرىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ۋە دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە مۇسۇلمانلار ھەققىدە بېرىلىۋاتقان ئىنتايىن ئېھتىياتچان خەۋەرلەرنىڭ ئەكسىچە، خىتايدىكى ئەركىن مۇنازىرە تور بەتلىرىدە مۇسۇلمانلارغا بولغان زور ئۆچمەنلىكنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىكەن.

«ئېكىسپرېس» گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «خىتايدا ياشاۋاتقان 20 مىليون مۇسۇلمان ئاھالىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنى بېسىم سىياسىتى بىلەن ئىنتېرنېتتىكى تور جامائىتىنىڭ ئۆچمەنلىكى ئارىسىدا قالدى» دەپ يازغان. ئۇلار شۇنداقلا خىتاي تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ دۇنيا دۆلەتلىرى يۈزلىنىۋاتقان مۇساپىرلار كرىزىسىغا تۇتۇۋاتقان مەسخىرىلىك پوزىتسىيىسىگىمۇ دىققەت قىلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تورداشلار بىردەك ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى قاتتىق مەسخىرە قىلغان. بولۇپمۇ، ئۆتكەن يىل ئىچىدە بىر مىليوندىن ئوشۇق مۇساپىر قوبۇل قىلغان ۋە داۋاملىق قوبۇل قىلىشنى قارار قىلغان گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل كۈچلۈك مەسخىرە ئوبيېكتى بولغان.

ئۇلار بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىدە «پۈتكۈل ياۋروپا دۆلەتلىرى بىر قانچە يىل ئىچىدە مۇسۇلمان دۆلىتىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ» دېگەن، بەزىلەر ھەتتا «پۈتۈن مۇسۇلمان مۇساپىرلار ياۋروپاغا كېتىپ، بولسا تېخىمۇ جىق تېررور ھۇجۇمى قىلسۇن» دېگەندەك سۆزلەرمۇ قىلغان.

ئىنتېرنېت تورىدا يەنە خىتاي تورداشلارنىڭ مۇسۇلمانلارنى«يېشىللار»، «يېشىل رەڭلىكلەر» دېگەندەك ئىبارىلەر ئارقىلىق شەرھلەۋاتقانلىقىمۇ مەلۇم بولغان.

خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىرقچىلىق خاھىشى تېخى يېقىندا ئەنگلىيەگە ئۇچىدىغان «جۇڭگو ئاۋىئاتسىيىسى» گە مۇناسىۋەتلىك ئايروپىلانلاردىكى يولۇچىلارغا بېرىلىدىغان بىخەتەرلىك كۆرسەتكۈچىلىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى.

ئۇنىڭدا، يولۇچىلارنىڭ لوندوندىكى قارا تەنلىكلەر، پاكىستانلىقلار ۋە ھىندىستانلىقلاردىن يىراق تۇرۇشقا، ئۇلارنىڭ مەھەللىلىرىگە يولىماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇلغان ئىدى. بۇ خەۋەرمۇ خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت