مۇتەللىپ ئىمىن ئۆزىنى سوراق قىلغان ساقچىلارنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىدى

2013-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى ۋەتەن زىيارىتىدىن قايتىش سەپىرىدە بېيجىڭ ئايرودرومىدا ساقچىلار تەرىپىدىن مەخپىي تۇتقۇن قىلىنىپ، 79 كۈن سوراق قىلىنغان ئوقۇغۇچى مۇتەللىپ ئىمىن 24-دېكابىر يەنە ئۇيغۇربىز تورى، تۋىتېر قاتارلىقلاردا 5-قېتىملىق ئوچۇق خېتىنى ئېلان قىلىپ، ئۆزىنى سوراق قىلغان ساقچىلارنىڭ كىملىكىنى ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان نەرسىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئاشكارىلىدى.

مۇتەللىپ ئىمىن بۇ قېتىمقى ئوچۇق خېتىدە 79 كۈن جەريانىدا ئۇنى تۇتۇش ۋە سوراق قىلىشقا قاتناشقانلاردىن كىملىكىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىغان. ئۇلار دىلشات، مەمتىمىن، جاۋ جىدۈي، كېرەم، ئابدۇبارى قاتارلىقلار بولۇپ، مۇتەللىپ ئىمىن خېتىدە ئەينى چاغدا سوراققا قاتناشقان يەنە 10 نەچچە ساقچىنىڭ كىملىكىنىڭ ئۆزىگە ئۇقتۇرۇلمىغانلىقىنى ۋە سوراق جەريانىدا ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنغان بەزى تەپسىلاتلارنى ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان نەرسىلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان.

مۇتەللىپ ئىمىن بۇندىن ئىلگىرىكى ئوچۇق خەتلىرىدە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا 79 كۈن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى ۋە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ پاسپورتى ۋە كىملىكى تارتىۋېلىنىپ، خوتەندىكى ئائىلىسىگە نەزەربەند قىلىنىپ، تۈركىيەگە قايتىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىنغان ئەھۋاللارنى پاش قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە مۇراجىئەت قىلغان ئىدى.