باش شتابى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان تور مۇلاھىزىسىدە خىتاي يېڭى تەيىنلىگەن ئىنتېرنېت باشقۇرۇش ئەلەمدارى دەۋرىدە ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان چەكلىمىلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدىكى خىتاي ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانىسى 2014-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئىشخانا قۇرۇلغاندىن بۇيان خىتاي مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ ۋېي ئىشانىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇپ كەلگەن.
دائىرىلەر لۇ ۋېينى بۇ يىل 29-ئىيۇن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، لۇ ۋېينىڭ مۇئاۋىنى شۈ لىننى ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەن ئىدى.
شۈ لىن 3-ئىيۇل بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن دەلىللەنمىگەن ئۇچۇرلارنى ئېلىپ خەۋەر قىلغان تور بەتلىرىنىڭ جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ قارىشىچە، شۈ لىننىڭ بۇ سۆزلىرى خىتايدا ئىنتېرنېتقا قارىتىلغان كونتروللۇقىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
مۇلاھىزە مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇقتۇرۇشتا خەۋەر توربەتلىرىدىن ‹جامائەت پىكرىنى توغرا يۆلىنىشكە يېتەكلەش› تەلەپ قىلىندى. بۇ يەردىكى ‹توغرا› ئاتالغۇسى، خىتاي ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانىسى، جۈملىدىن خىتاي كومپارتىيەسى ‹توغرا› دەپ قارىغان پىكىرلەرنىلا كۆرسىتىدۇ. بۇ ئاگاھلاندۇرۇش لۇ دەۋرىدە يولغا قويۇلغان قاتتىق چەكلىمىلەرنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.»
مۇلاھىزە نەقىل قىلىشىچە، مەركىزىي كالىفورنىيەگە جالاشقان «خىتاي رەقەملىك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ باشلىقى ۋاڭ شياۋلۇمۇ كەلگۈسى ئايلاردا خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان باستۇرۇشنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان.
مۇلاھىزىدە كۆرسىتىشىچە، شۈ لىن خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ شاڭخەي پارتكومىغا سېكرېتار بولغان مەزگىلدە شاڭخەي تەشۋىقات بۆلۈمىگە باشلىق بولغان بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىن ئىكەن.
خىتاي رەئىسى شى جىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن 3 يىلدىن بۇيان خىتايدا ئاخباراتقا قارىتىلغان چەكلىمىنىڭ بارغانچە ئېغىرلاشقانلىقى خەۋەر قىلىنغان.
ش جىنپىڭ بۇ يىل فېۋرالدا خىتايدىكى بارلىق ئاخبارات ساھەسىنى مەۋقەسىنى توغرىلاشقا ۋە پىكىر جەھەتتە پارتىيە بىلەن بىردەك بولۇشقا چاقىرغان ئىدى.
