ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى مۇزلۇق رايونلار ساياھەتچىلىكىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
«تەڭرىتاغ»خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى 22698 كۋادرات كىلومېتىر كۆلەمدىكى مۇزلۇق قاتلىمى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن بۇ رايونلاردا ساياھەتچىلىكنى چەكلەشنى پىلان قىلغان. بىراق بۇ چەكلىمە 2020-يىلىدىن كېيىن يولغا قويۇلىدىكەن.
خەۋەردىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ساياھەت ئىدارىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى لى جىدوڭ سۆزىدە «مۇزلۇق جايلاردىكى ساياھەتچىلىكتىن ئۆتكەن ئون يىل مابەينىدە كىرگەن كىرىم بىر مىليارد يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ئەمما بۇ ساياھەتچىلەرنىڭ مۇزلۇقلارغا كەلتۈرگەن زىيىنىنىڭ ھەددى-ھېسابى يوق» دېگەن. ئۇ شۇنداقلا خىتاينىڭ «بىر يول، بىر بەلۋاغ تەرەققىيات پىلانى» نى قوللايدىغان تەڭرىتاغقا تۇتاش دۆلەتلەر ۋە رايونلارنى «مۇزلۇق رايونلار ساياھەتچىلىكىنى چەكلەش» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرغان.
خەۋەردىن قارىغاندا، تەڭرىتاغدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق مۇزلۇقنىڭ ئېرىپ كېتىش ۋە كۆلىمىنىڭ كىچىكلەش سۈرئىتى خەتەرلىك دەرىجىدە ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا ساياھەتچىلىكتىن باشقا قالايمىقان چارۋا بېقىش ۋە كان قېزىش ئەھۋاللىرىنىڭمۇ سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە بۇ مۇزلۇقلار ھەر يىلى 4-8 مېتىر سۈرئەت بىلەن تارىيىپ ماڭماقتىكەن.
