2016-يىللىق ئەڭ نادىر كىشىلىك ھوقۇق خەۋەرلىرى تىزىملىكىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ماقالىلەرمۇ ئورۇن ئالدى
2016.12.15
ئامېرىكادىكى «مېديۇم» خەۋەرلەر تورى 2016-يىلىدىكى «ئەڭ نادىر كىشىلىك ھوقۇق خەۋەرلىرى» نى باھالاپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدا رادىيومىز مۇخبىرى قۇتلاننىڭ «غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلار-مىللىي كىملىك ۋە ئۆزلىشىش» سەرلەۋھىلىك چاتما ماقالىلىرى ئورۇن ئالدى.
مەزكۇر تور بەتتىكى خەۋەرگە بېرىلگەن ئېنىقلىمىدا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى قۇتلاننىڭ بۇ پەۋقۇلئاددە پروگراممىسىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ زۇلۇمىدىن قېچىپ چەتئەللەردە مۇساپىر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەرب ئەللىرىگە ئولتۇراقلىشىش جەريانلىرىنى ئىنتايىن ياخشى يورۇتۇپ بەرگەنلىكى، پروگرامما ئارقىلىق چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ تىكلىنىشىدە زور رول ئوينىغانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىنلىكى بايان قىلىنغان.
مەزكۇر «نادىر كىشىلىك ھوقۇق خەۋەرلىرى» دە يەنە، داۋىد لاگۇئە، پائۇل موئونەي قاتارلىقلار يازغان ۋە رويتېرس ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلەرنى يۇرتىدىكى ئائىلىسى ئارقىلىق كونترول قىلماقتا» ماۋزۇلۇق ماقالىمۇ ئورۇن ئالغان. ماقالىدە، كانادادا ياشايدىغان ئەركىن قۇربان ۋە شۇنداقلا گېرمانىيەدىكى د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسالارنىڭ ھېكايىلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەرگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنىمۇ بوش قويۇۋەتمەي، ئۇلارنى يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بېسىم ئىشلىتىش يولى بىلەن كونترول قىلىشقا، ئۇلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىدەك پاكىتلار يورۇتۇپ بېرىلگەن ئىدى.