خىتاي تاراتقۇلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتلىق مەسىلىسىدە بىر-بىرىگە زىت خەۋەر بەرمەكتە


جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئاھالىلىرىدە بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلگەن نامراتلىق مەسىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تىلغا ئېلىشنى ئەسلا خالىمايدىغان بىر نۇتقا.

ئالدىنقى كۈنى تەڭرىتاغ تورى خەۋەر بېرىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «ناماراتلىق ئۆلچىمى» گە چۈشىدىغان يېزا ئاھالىلىرىدىن 2 مىليۇن 610 كىشىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ يىلدا بېرىلىدىغان 2300 سوم ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە تايىنىپ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، 11-نويابىر كۈنى «خەلق تورى» بىلەن «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى» بۇنىڭغا تامامەن زىت خەۋەر بېرىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «نويابىردىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بەش نامرات ناھىيەنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىنىدۇ. بۇ يەردىكى 810 نامرات كەنت بىلەن 630 مىڭ نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ. ئۈچىنچى تەرەپ باھالىشى ئېلىپ بېرىلىپ، نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ئەھۋالى تەكشۈرۈلۈپ ۋە باھالىنىپ ئۆتكۈزىۋېلىنىدۇ.»

خەۋەردە دېيىلىشىچە، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەتقىقات مەركىزى ئۈچىنچى تەرەپ باھالاش ئاپپاراتى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامراتلىق مەسىلىسى بويىچە ئىككى كۈندە بىر-بىرىگە زىت ئىككى خىل خەۋەرنى بېرىشى، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىگە بولغان سەمىمىيىتىنىڭ يوقلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، دەپ ھېسابلىماقتا.