خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرنىڭ نان مەدەنىيىتىنى خىتايچىلاشتۇرماقتا

مۇخبىرىمىز سادا
2019-05-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار ئەلمىساقتىن تارتىپ ناننى مۇقەددەس بىلىپ، ئۇنى ئۇلۇغلاپ كەلگەن بىر خەلق. ھالبۇكى، يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان نان مەدەنىيىتىنى خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

يېقىندا خىتاينىڭ «خەۋەرلەر» تورىدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدە ئەڭ چوڭ نان زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ھەققىدە بىر سۈرەتلىك خەۋەر ئېلان قىلىنغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نان زاۋۇتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن پەقەت خىتاي خادىملارلا قاتناشقان ۋە زاۋۇتنى زىيارەت قىلغان. خەۋەردىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى خىتاي دائىرىلىرى مۇراسىمغا قاتناشقان ئۇيغۇر قىزلىرىنى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى بايرام كىيىملىرىنى كىيىشكە تەشكىللىگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى نان زاۋۇتى قۇرۇپ، ھەرخىل شەكىللەردىكى، ھەتتا سومكا شەكىللىك نانلارنى يېقىپ چىقىرىپ، بازارغا سالغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ ئۇلۇغلاپ كېلىۋاتقان نان مەدەنىيىتى، ھەتتا ناننىڭ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئۇۋىقىنىمۇ دەسسىمەيدىغان ئادىتى نۆۋەتتە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلمەكتە. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ھالدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت