ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلوسى 28-يانۋار كۈنى ئاۋام پالاتاسىنىڭ يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنى نىشان قىلغان كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەن قىلىش قىلمىشىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
نەنسى پېلوسى شۇ كۈنى ئاۋام پالاتاسىنىڭ 4331-نومۇرلۇق «2020-يىللىق تىبەت سىياسىتى ۋە تىبەتنى قوللاش قانۇن لايىھەسى» ئاۋازغا قويۇلغاندا بۇ سۆزلەرنى قىلغان. مەزكۇر قانۇن لايىھىسى 28-يانۋار 392 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دالاي لاما ئۆلسە ئۇنىڭ ئىزباسارىنى تىبەتلەرنىڭ ئۆزى سايلاش، ئۇنىڭغا قول تىققان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قاتارلىقلار تەلەپ قىلىنغانىدى. نەنسى پېلوسى ئاۋام پالاتاسىدا قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى خورلاش جەھەتتىكى نۇرغۇن قىلمىشلىرىنى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن خەلقلەرنى نىشانغا ئېلىشتەك ئەپسۇسلىنارلىق قىلمىشلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشى كېرەك. بۇنىڭدا ھازىر مىككول ۋە رۇبىئو ئەپەندىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىزنىڭ ئاكتىپ قوللىشىمىزغا ئېرىشىپ كەلدى. ئۇيغۇرلار مەجبۇرىي قىسىرلاشتۇرۇش، كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشتەك قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچرىماقتا. مىليونلىغان كىشىنىڭ تەقىبلىنىشىدەك بۇ ئەھۋال بىز سۆزلەۋاتقان ھازىرنىڭ ئۆزىدە يۈز بەرمەكتە».
ئۇ، بۇ سۆزلەرنى دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتى خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە تارقالغان «كورونا ۋىرۇسى» غا مەركەزلىشىپ، لاگېرلار مەسىلىسى بىر ئاز بېسىقىپ قالغاندەك بىر ئەھۋالدا تەكىتلىگەن. نەنسى پېلوسى يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونى تىلغا ئېلىپ: «بىز شۇنىمۇ بىلىمىز، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سېكرېتارى (چېن چۈەنگو) بۇرۇن تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ 1-قول مەسئۇلى بولغان. ئۇ بەك زالىم بولغاچقا ئاتالمىش مەزكۇر ئاپتونوم رايونغا ئەۋەتىلىپ، مۇكاپاتلانغان بولدى» دېگەن. نەنسى پېلوسى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى قوللاپ، ئۇنىڭ مەزمۇنىغا بەزى كۈچلۈك ماددىلارنى قوشۇشنى تەلەپ قىلغان سىياسىيونلارنىڭ بىرىدۇر. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئۆتكەن يىلى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللىنىپ، كېڭەش پالاتاسىغا سۇنۇلغانىدى.