نەنسى پېلۇسى: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمى دۇنيانىڭ ۋىجدانىغا قىلىنغان خىرىستۇر»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-06-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلۇسى خانىم 6‏-ئىيۇن كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاينىڭ قولىدا ئىزچىل زۇلۇمغا ئۇچراپ كېلىشى دۇنيانىڭ ۋىجدانىغا قىلىنغان بىر خىرىس» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلغان ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنسدىن قالسا دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ئىككىچى‏ بىر سىياسەتچىدۇر.

نەنسى پېلۇسى يۇقىرىقى سۆزلەرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ 6‏-ئىيۇن كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «خىتايدىكى ياۋۇزلۇقلارغا قارشى تۇرايلى: ئۇيغۇر كىرىزىسىگە قارىتا يەرشارى خاراكتېرلىك ئىنكاس‏‏» ناملىق يىغىنىغا ئەۋەتكەن باياناتىدا تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاينىڭ قولىدا ئىزچىل زۇلۇمغا ئۇچراپ كېلىشى دۇنيانىڭ ۋىجدانىغا قىلىنغان بىر خىرىستۇر. ئاۋام پالاتاسىنىڭ ھەر ئىككى پارتىيەسىدىن بولغان ئەزالىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ جەسۇر ئوغۇل-قىزلىرىغا شۇنىڭدەك ئۇيغۇر خەلقىگە لايىق بولغان دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ. بىزنىڭ قەلبىمىز ۋە زېھنىمىز دىنىي جازالاشقا ئۇچراۋاتقان، جۈملىدىن بۇ ھەپتە ئاخىرلاشقان رامزاندا روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىرگە.»

نەنسى پېلۇسىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 1989‏-يىلىدىكى «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» دە ئۆلگەن ئەركىنلىك جەڭچىلىرىگە بولغان ئەڭ چوڭ ئېھتىرام، ئۇلارنىڭ دېموكراتىيە ئىستىكىنى «ئۇيغۇر خەلقى، تىبەت خەلقى، خوڭكوڭ خەلقى ۋە شۇنداقلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇمى ھەم باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەر ئۈچۈن ئىزچىل ئالغا يېتەكلەپ ئېلىپ مېڭىش» ئىكەن. ئۇ «بىز بۇ ھەپتە تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدىكى ياۋۇزلۇقنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلىدۇق. دۇنيا جامائىتى تيەنئەنمېن ئەۋلادلىرىنىڭ ئەركىنلىك غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇچىلارنىڭ تەرىپىدە تۇرۇشى كېرەك» دېگەن.

د ئۇ ق نىڭ «خىتايدىكى ياۋۇزلۇقلارغا قارشى تۇرايلى: ئۇيغۇر كىرىزىسىگە قارىتا يەرشارى خاراكتېرلىك ئىنكاس‏‏»» ناملىق يىغىنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەت «تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» نىڭ 30 يىللىقىغا توغرا كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت