ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نى قوللاش ئارقىلىق ئۈرۈمچىدىكى ۋەقەگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2022.11.30
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسى بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم (Young Kim) 29-نويابىر كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» (Uyghur Policy Act) نى قوللاش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە قامال سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە مەزكۇر قانۇننىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە زەربە بېرىشتىكى كۈچلۈك قورال بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلوسى مەجلىستە قىلغان سۆزىدە، «مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر خىتاينىڭ نومۇسسىز ۋە ۋەھشىيلەرچە دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن ھەمدە بۇ قانۇننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە داۋاملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈشىگە زەربە بېرىشتە كۈچلۈك بىر ۋاسىتە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىز بۇ قانۇن ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا شۇنى دېمەكچىمىزكى، ئامېرىكا سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، بىز داۋاملىق سىلەر بىلەن بىللە ھەم سىلەر بىلەن تەڭ كۈرەش قىلىمىز. بىز يەنە بۇ قانۇن ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە شۇنى دېمەكچىمىزكى، بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دەرھال توختىشى كېرەك».

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» 2020-يىل ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا كىرگۈزۈلمىگەن ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى كىم ياڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللاش مەجلىسىدە سۆز قىلىپ، ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت كېتىش پاجىئەسىدىن كېيىن خىتايدا قوزغالغان نامايىشلارنى «دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە بولغان كۈچلۈك تەلەپ» دەپ تەرىپلىگەن ھەمدە ئامېرىكانىڭ چوقۇم سۆز ۋە ھەرىكەت ئارقىلىق مۇستەبىت خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى بىلەن كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى داۋاملىق ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئەمما بىز شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، مەجبۇرىي مېڭە يۇيۇش، ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق قەبىھ جىنايەتلەرنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىدۇق. ‹ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى› مانا مۇشۇ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىشتە يېتەرسىز قالغان جايلارنى تولۇقلايدۇ».

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوللاش، ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئائىت خەۋەر ۋە ئۇچۇرلارنى داۋاملىق تارقىتىشىغا مەدەت بېرىش قاتارلىق كونكرېت مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

خىتاينىڭ قامال سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلەر، بولۇپمۇ بۇ قېتىم ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق زۇلۇمىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغان بولسا، خىتاي پۇقرالىرىنى چۆچۈتۈپ، ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش سادالىرىنى كۈچەيتكەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.