ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى «كۈچەيتىشى» نى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.06.14

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) نىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئ‍ىگە ئەمەسلىكىنى، بۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مۇئامىلىسىدىن كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قارىتا كوللېكتىپ سىياسىتىنى «كۈچەيتىشى» كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ستيولتېنبېرگ بۇ سۆزنى ش ئا ئە ت غا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى بېلگىيەدە ئېچىلىشنىڭ ھارپىسىدا، كانادا ئاخبارات شېركىتى CBC-نىڭ مۇخبىرىغا ئېيتقان.

ستولتېنبېرگ مۇنداق دىگەن: «خىتاي بىز بىلەن ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئىگە ئەمەس… بىز بۇنى خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك نارازىلىقلارنى قانداق باستۇرغانلىقى، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قانداق زۇلۇم قىلغانلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ زامانىۋى تېخنولوگىيە، ئىجتىمائىي تاراتقۇ، يۈز تونۇش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، ئۆز خەلقىنى بىز بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان شەكىلدە كۆزەتكەنلىكى ۋە نازارەت قىلغانغانلىقىدىن كۆرۈپ يەتتۇق.»

ئۇ يەنە «بۇلارنىڭ ھەممىسى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ خىتاي مەسىلىسىگە كەلگەندە سىياسىتىمىزنى كۈچەيتىدىغان بىر سىياسەت بەرپا قىلىشىمىزنى تېخىمۇ تەلەپ قىلىدۇ،» دېگەن.

بۇ ش ئا ئە ت باش كاتىپىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىدۇر. ش ئا ئە ت غا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى 14-ئىيۇن مەزكۇر سىياسى-ھەربىي ئىىتتىپاقنىڭ بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلدىكى باش شتابىدا باشلانغان. يىغىندا تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ خەلقئارا تەرتىپكە ۋە ش ئا ئە ت دىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە «سىستېمىلىق خىرىس» پەيدا قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.