نەفىسە ئوغۇز خىتايدىن كورلا تۈرمىسىدىكى تاغىسى ئالىم ئابدۇكېرىمنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2023.10.09

تۈركىيە پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلاردىن نەفىسە ئوغۇز 6-ئۆكتەبىر X  ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ۋىدىيولۇق چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2017-يىلى 8-ئايدا تۇتقۇن قىلىنىپ، كورلىدىكى بىر تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تاغىسى ئالىم ئابدۇكېرىمنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئۇچۇر بېرىشنى تەلەپ قىلغان. نەفىسە ئوغۇز بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ يىل 4-ئايدىمۇ بىر قېتىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئالىم ئابدۇكېرىمنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلغانىدى. ئۇ بۇ قېتىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرى قامالغان بىر لاگېر كامېرىنىڭ ۋىدىيوسىنى ھەمبەھىرلەپ: «ئەگەر خىتاي كونسۇلخانىسى تاغامنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن تۈرمىگە قامالغانلىقىنى ماڭا ئېيتمىسا، ئۇ ھالدا مېنىڭ تاغام بۇ كامېردا ياتامدۇ؟» دەپ سوئال قويغان.

 خىتاينىڭ ھەر قايسى ئەللەردە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىك ئورگانلىرى چەتئەلدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلاردا غايىب بولغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاقىۋىتىگە ئائىت سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن. نەفىسە ئوغۇز يېقىندىن بېرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇندىكى ئائىلە ئەزالىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىشى كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ كەتكەن بىر ۋاقىتتا تاغىسى ئۈچۈن قايتا گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇ ۋىدىيودىكى لاگېر كامېرىنى  كۆرسىتىپ: «مەن تاغامنىڭ 6 يىلدىن بېرى بۇ تۈرمە كامېرىدا ياتقانلىقىغا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. ھاجەتخانىسىنىڭ ئىشىكىمۇ يوق بۇ كامېردا 20 كىشى يېتىپ قويۇپ، ھەم تاماق يەيدۇ ھەم ئۇخلايدۇ. بۇنىڭغا مېنىڭ ھەقىقەتەن ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. مانا بۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تۈرمىسى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئالىم ئابدۇكېرىم 2017-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىرقانچە يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ كورلىدىكى تۈرمىدە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. 20 ياشلىق نەفىسە ئوغۇز بۇ يىل 4-ئايدا ئېلان قىلغان گۇۋاھلىقىدا، بۇ يىل 24 ياشلىق ئالىم ئابدۇكېرىمنىڭ گۇناھسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. نەفىسە ئوغۇزنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى كومپيۇتېر ئىنژېنېرى بولغان ئالىم ئابدۇكېرىمنى تۇتقۇن قىلىشتا ھېچقانداق سەۋەب كۆرسەتمىگەنىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.