ئامېرىكىنىڭ سابىق بىرىنچى خانىمى نەنسى رېگان 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى كالىفورنىيەدىكى ئۆيىدە 94 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
مەلۇمكى، نەنسى رېگان ئامېرىكىنىڭ 20-ئەسىردىكى تەسىرى ئەڭ زور بولغان بىرىنچى خانىملىرىدىن بىرى.
نەنسى رېگاننىڭ يولدىشى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان رونالد رېگان 1981-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە ئىككى قارار ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولغان. بۇ مەزگىللەردە ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىگەن. تاشقى سىياسەت جەھەتتىن شەرقىي ياۋروپادا كوممۇنىزمنى يىمىرىش، بىرىنچى نومۇرلۇق رەقىبى سوۋېت ئىتتىپاقىنى پارچىلاش ھەمدە سوغۇق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئاساس ياراتقان.
نەنسى رېگان يولدىشى رونالد رېگان بىلەن يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك بىللە ياشىغان. ئۇنىڭغا ئەڭ ئىشەنچلىك ھەمراھ ۋە مەسلىھەتچى سۈپىتىدە تەسىر كۆرسەتكەن. رونالد رېگان 2004-يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن يالغۇز قالغان نەنسى رېگان خەير-ئېھسان پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارراك ئوباما ۋە ئۇنىڭ خانىمى مىشېل ئوباما، ئامېرىكىنىڭ سابىق بىرىنچى خانىمى باربارا بۇش قاتارلىقلار تەزىيە نۇتقى سۆزلەپ نەنسى رېگاننىڭ ھاياتىغا يوقىرى باھا بەرگەن.
