ئۈرۈمچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى نەشرىيات بازىسى قۇرۇلغان

تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە دۆلەتلىك شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى نەشرىيات بازىسى قۇرۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدا كىتاب نەشر قىلىدىغان 12 نەشرىيات بار بولۇپ، ئۇلار ھەر يىلى ئۇيغۇرچە، قازاقچە، مۇڭغۇلچە، قىرغىزچە، شىبەچىدىن ئىبارەت بەش خىل تىل-يېزىقتا كىتاب، ئۈن-سىن ماتېرىياللىرى، ئېلېكترونلۇق نەشر بۇيۇملىرىنى نەشر قىلىپ تارقىتىدىكەن. ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان نەشر بۇيۇملىرى 90 مىڭ خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، خىتاي مىقياسى بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا نەشر قىلىنغان ئومۇمىي نەشر بۇيۇملىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن.

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرىدە، شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقىدىكى نەشرىيات بازىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاز سانلىق مىللەتلەر نەشرىيات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئاخبارات-نەشرىيات سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. بىراق چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، بۇنداق بىر بازىنىڭ ھەرقايسى مىللىي تىل-يېزىقىدىكى نەشرىياتلار ئۈستىدىكى كونترولنى كۈچەيتىشنى ۋە نەشر بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.