«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى: «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى تۇغۇت چەكلىمىسى مۇسۇلمان ئاياللارنى نىشان قىلغان»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-05-10
Share

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى 10-ماي خەۋەر بېرىپ، ھازىر خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ئاياللار تېخىمۇ كۆپ تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرۈلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغماسلىققا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە دائىرىلەرنىڭ پۈتۈن خىتايدا تۇغۇلۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى تۈپەيلى نۇپۇس كرىزىسى كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاياللارنى تېخىمۇ كۆپ تۇغۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقى، بىراق ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىغا خىرىس قىلغان ھەرقانداق رىقابەتنى، جۈملىدىن «مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى يوقىتىشنى قارار قىلغان كەڭ كۆلەملىك ۋە باستۇرۇش خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي قايتا قۇرۇش ھەركىتىنىڭ پارچىسى» ئىكەن. خەۋەردە قەلبىنۇر سىدىققا ئوخشاش ئايال لاگېر شاھىتلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر مىسال كەلتۈرۈلۈپ، «دائىرىلەر مۇسۇلمان ئاياللىرىنى نىشانغا ئېلشتا تېخىمۇ ئىلگىرلەپ نۇپۇسقا ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات تەسىر قىلىدىغان نۇپۇس ئ‍ۆزگۈرۈشىنى پىلانلاشقا ئۇرۇندى،» دىيىلگەن.

خەۋەردە يەنە خىتاي ھۆكۈمىتى مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۇغمايۋاتقانلىقىنى ئ‍ىگىرى سۈرۈپ كەلگەنلىكى، بىراق ھەر خىل دەلىللەر خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇلارنى تۇغماسلىققا زورلىغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.

«خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى تۇغۇت چەكلىمىسى مۇسۇلمان ئاياللارنى نىشان قىلغان» ماۋزۇلۇق مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتىكى تەنقىدلەرنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىرىنىڭ 2019-يىلىدىن بۇيانقى تۇغۇلۇش نىسبىتى ۋە تۇغۇت كونتروللۇقىنى ئۆ ئىچىگە ئ‍الغان ھالقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىشنى توختاتقان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت