ئامېرىكا خەلقئارا سودا سوتى Ninestar نىڭ ئېمبارگو قويماسلىق تەلىپىنى رەت قىلغان

«يەر شارى سودىسىنى تەكشۈرۈش» (The Global Trade Review) نىڭ 2024-يىلى 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى مەخسۇس خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا خەلقئارا سودا سوتى خىتاينىڭ باسما شىركىتى Ninestar نىڭ ئېمبارگو قويماسلىق تەلىپىنى، يەنى ماللىرىنى ئامېرىكىغا كىرگۈزۈشنى چەكلەيدىغان تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈۋېتىش تەلىپىنى رەت قىلغان.

بۇ شىركەت مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىپ ياسالغان تاۋارلارنى ئامېرىكاغا كىرگۈزۈش سەۋەبى بىلەن 2023-يىلى 6-ئايدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى چەكلەش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئېمبارگو قويۇلۇپ، قارا تىزىملىككە ئېلىنغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇ شىركەت ئامېرىكا خەلقئارا سودا سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، ئېمبارگونى بىكار قىلىشنى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ شىركەتنىڭ تاۋارلىرىغا چەكلىمە قويماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئىمزا قويغان مەزكۇر «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 2022-يىلى 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغانىدى. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلىنىدىغان ھەر قانداق مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى يوقلۇقى قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانمىغۇچە، ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى چەكلەنگەن. ئامېرىكا خەلقئارا سودا سوتىنىڭ Ninestar شىركىتىنىڭ ئېمبارگونى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلىشى، مەزكۇر شىركەتنىڭ سوتنى قايىل قىلغۇدەك دەلىللىرى يوقلۇقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.