5-يانۋار خىتاينىڭ نىڭشيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونىنىڭ يىڭچۈەن شەھىرىدە 17 كىشىنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ئاپتوبۇس كۆيۈش ۋەقەسىنىڭ قەستلەش ۋەقەسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
خىتاينىڭ «جۇڭگو خەۋەرلەر تورى»نىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرىدە، «نىڭشيانىڭ يىڭچۈەن شەھىرى خېلەن ناھىيىسىدىكى تىيەنجۈن باغچە رايونىدىن يىڭچۇەن پويىز ئىستانسىسىغا قاتنايدىغان 301-يول ئاپتوبۇسىغا 5-يانۋار شۇ يەر ۋاقتى سائەت 7 دە 109-دۆلەت يولىدا تۇيۇقسىز ئوت كېتىپ، 17 ئادەم ئۆلدى، 32 ئادەم كۆيۈپ يارىلاندى، ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككى سائەتتىن كېيىن ساقچىلار 301-ئاپتوبۇسقا ئوت قويغان ما يۇڭپىڭ ئىسىملىك جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى» دېگەن بايانلار بېرىلدى.
خىتاي تاراتقۇلىرى سەيشەنبە كۈنى يىڭچۈەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن كوچا ئاپتوبۇسىنىڭ كۆيۈش ۋەقەسىدىكى گۇماندارنىڭ مىللىتى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن، ئەمما تۋىتېر، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئىنكاسلاردا مەزكۇر گۇماندارنىڭ «ما» فامىلىسى مۇنازىرە تېمىسى بولغان.