خىتاينىڭ «نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى» 10 ئۆلكە ۋە شەھىرى ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالىغان
2020.05.18
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا «نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى» 10 ئۆلكە ۋە شەھىرى 16-ماي كۈنى خوتەن شەھىرىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلار بىلەن 2020-يىللىق «شىنجاڭنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىشىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش كېلىشىمى» ئىمزالىغان. لېكىن خەۋەردە كېلىشىمنىڭ كونكرېت مەزمۇنى ئاشكارىلانمىغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېلىشىم16-ماي كۈنى خوتەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتىكى قويۇق نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئالغا سۈرۈش» ناملىق نەق مەيدان يىغىنىدا ئىمزالىغان.
بۇ يىغىننىڭ نېمە ئۈچۈن خوتەندە چاقىرىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن بەزى ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ سانلىقتىكى خوتەن خىتاينىڭ «نامراتلىقنى تۈگىتىش» نامى ئاستىدىكى «مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى» ئىكەن. بەزى چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ نامراتلىقنى تۈگىتىش پروگراممىسى «ئۇيغۇرلارنى ئۆز كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاش، ئۇلارنى قۇللار ئەمگىكىگە سېلىشنىڭ بىر ۋاسىتىسى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.
خوتەندە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا خىتاي دۆلەت كابىنېتى نامزاتلىقنى تۈگىتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يوڭفۇ سۆز قىلىپ، «كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش، نامراتلىقنى تۈگىتىشتە ئالاھىدە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نەتىجىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن نامراتلىققا قايتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك» دېگەن.
نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقنى تۈگىتىش» نامىدا ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتاي كارخانىلىرىغا يۆتكىمەكتە. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ سىياسەت ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ پارچىلىنىشى، تۇغۇش نىسبىتىنىڭ شىددەتلىك ئازىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتىكەن.









