ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ ۋە يەسىلىلەردە نورو ۋىرۇسى تارقالغان
2021.04.20
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۈرۈمچىدىكى مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە نورو ۋىرۇسى تارقالغان بولۇپ، 19-ئاپرېل ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى بۇ ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەققىدە سىگنال بەرگەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نورو ۋىرۇسى ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى پەيدا قىلىدىغان ۋىرۇسلارنىڭ بىرى بولۇپ، يوشۇرۇنۇش ۋاقتى قىسقا، ئۆزگىرىشى تېز، مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، تارقىلىش يوللىرى ھەر خىل بولىدىكەن. بۇ ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغانلاردا كۆڭلى ئېلىشىش، قورسىقى كۆپۈش، بېشى ئاغرىش، قىززىش، ئاشقازىنىنى سوغۇق قاپلاپ كېتىش، مۇسكۇللىرى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. چوڭلار بىلەن بالىلارنىڭ كېسەللىك ئالامىتىنىڭ كۆرۈلۈشى پەرقلىق بولۇپ، بالىلاردا قۇسۇش، چوڭلاردا ئىچ سۈرۈش كۆپ كۆرۈلىدىكەن. بۇ كېسەللىك ئاساسەن نورو ۋىرۇسى بىلەن بۇلغانغان يېمەك-ئىچمەكتىن كېلىدىكەن، ۋىرۇسلار قول، ئېغىز، تاماق قاچىسى ئارقىلىق يۇقىدىكەن.
كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە, خىتايدىكى مەكتەپ ۋە يەسلىلەردە، بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپلەپ قۇرغان يېتىمخانىلاردا ئوپچە تاماقلىنىش ئەھۋالى مەۋجۇت، ئۇ يەردە ئىشلەيدىغانلار بۇ بالىلارنىڭ تازىلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، سالامەتلىك ئەھۋالىغا دىققەت قىلمايدۇ. ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان بالىلارنىڭ ھالى تېخىمۇ خاراپ، ئۇلارنىڭ قانداق تاماقلىنىپ، قانداق ياشاۋاتقانلىقى، كېسەل ياكى ساقلىقى، ھەتتا ھايات ياكى ئۆلۈكلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ.