نورۋېگىيە ئىستىخباراتى خىتاينىڭ ياۋروپادىكى جاسۇسلۇق پائالىيىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان

ئامېرىكىنىڭ «ھەپتىلىك خەۋەر» (Newsweek) تورىنىڭ 13-فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك مەسىلىسى توغرىسىدا يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

بۇ دوكلات سكاندىناۋىيە دۆلەت ئاخبارات ئورگىنى تەرىپىدىن 12-فېۋرال كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ياۋروپادىكى جاسۇسلۇق پائالىيىتى سىياسىي ئاخبارات ۋە سانائەت جاسۇسلۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ دوكلات ئېلان قىلىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان گوللاندىيەمۇ خىتاينىڭ ياۋروپادىكى جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان. بۇ دوكلاتتا خىتاينىڭ قولىدىكى خاككېرلارنىڭ ئۆتكەن يىل يۇمشاق دېتال يوللاش ئارقىلىق گوللاندىيە ھەربىي كومپيۇتېر تورىغا سىڭىپ كىرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئالدىنقى ئايدا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ «ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە» نى نىشان قىلغانلىقىنى ۋە تورنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

مەزكۇر خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا، كانادا، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرى خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقى ئوغرىلاش قىلمىشىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيگەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

نورۋېگىيە ئىستىخبارات ئورگىنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا: «غەرب دۇنياسى ھازىر بۇلتۇرقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ بىخەتەرلىك تەھدىتىگە دۇچ كەلدى. بۇنىڭدا ئاساسلىق رول ئويناۋاتقان خىتاي، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ قوللىشىدىكى خاماسقا ئوخشاش قوراللىق گۇرۇپپىلار ھازىرقى دۇنيا تەرتىپىگە خىرىس قىلماقتا» دېيىلگەن.