پائالىيەتچى نۇرگۇل ساۋۇت: «مەن ئېھتىيات قىلماي تۇرالمايمەن»

يېقىندىن بېرى، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ پائالىيەتچىلەرگە قاراتقان تور ھۇجۇمى كۈچىيىپ قالغان بولۇپ، تور بېكەت يوچۇقلاردىن پايدىللىنىپ ئۇچۇر ئوغرىلاش، كۆزگە كۆرۈنگەن پائالىيەتچىلەرگە تەھدىت سېلىش، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار، ھەتتا ھۆكۈمەت تورلىرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش قاتارلىق بۇزغۇنچىلىقلار بىلەن شۇغۇللانماقتا ئىكەن.

«مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان نۇرگۇل ساۋۇت خانىم، خىتاي ئويدۇرۇپ چىقارغان «تېررورلۇق گۇماندارى» تىزىملىكىگە چۈشكەنلەردىن بولۇپ، 2019-يىلدىن باشلاپ ئۇنىڭ فېيسبۇك ھېسابى كۆپ قېتىم تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. خىتاي خاككېرلىرى يەنە نۇرگۇل خانىم تونۇيدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ نامىنى ئىشلىتىپ ئۇنى ئەيىبلىگەن ۋە ئۇنى بىزار قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى يوللىغان، ھەتتا ئۇنىڭغا ئۇچۇر ئوغرىلايدىغان بۇزغۇنچى دېتاللارنى ئەۋەتكەن. شۇ سەۋەبتىن ئۇ بىر قېتىم تېلېفون ئالماشتۇرغان. بۇنداق ھۇجۇم داۋام قىلىۋەرگەنلىكى ئۈچۈن، نۇرگۇل خانىم ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلغان.

ئۇ ھازىر ناھايىتى ئېھتىيات قىلىۋاتقان بولۇپ، ئېلخەتلىرىنى مەخپىي نومۇر ئارقىلىق ئاچىدىكەن، خىتايغا ئائىت ھەر قانداق يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتمەيدىكەن، فېيسبۇكقىمۇ ئاساسەن چىقمايدىكەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئېھتىيات قىلماي تۇرالمايمەن، ئەگەر بەزىلەردەك دىققەتسىزلىك قىلسام، باشقىلارنى بالاغا تىقىپ قويۇشۇم مۇمكىن. بىز قېرىنداشلىرىمىزغا ۋىچات ئىشلەتمەڭلار دەۋاتىمىز، بەزىلىرى ناھايىتى ئەقىللىق، كونا تېلېفونىغا ۋىچات قاچىلاپ ئىشلىتىدۇ. ئەمما بەزىلىرى كارى يوق ئىشلىتىۋېرىدۇ. ھەممە ئۇيغۇر چوقۇم تور بىخەتەرلىكىنى ئۆگىنىشى كېرەك».

3-ئايدا فېيسبۇك تورىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسئۇلى خىتاينىڭ ئاز دېگەندە 500 پائالىيەتچىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغانلىقى، پائاليەتچىلەر ئىچىدە تۈركىيە، قازاقىستان، ئامېرىكا، سۇرىيە، ئاۋسترالىيە ۋە كانادادىن تورغا كىرىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى دوكلات قىلغانىدى.