نۇرىي تۈركەل ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇلۇشىغا قارشى ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا چاقىردى.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» دە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مەجبۇرىي ئەمگەكنى رايونغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ھېلىھەم مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىش ۋە مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىگە سېلىنىشتەك رېئاللىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كەسكىن تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، بىراق شىركەتلەرنىڭمۇ بۇنىڭدا تەدبىر قوللىنىش مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن:

«نۆۋەتتە مەۋجۇت بولغان تەدبىرلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدىكى مەھسۇلاتلارغا تاقابىل تۇرۇشتا يېتەرلىك بولماسلىقى مۇمكىن، ئامېرىكا شىركەتلىرى بۇنىڭ بىلەن قانائەتلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. قۇل قىلىش، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەك بىر مىللەت ۋە دىننى ئاساس قىلغان كىشىلەرگە مەقسەتلىك ۋە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە يۈرگۈزۈلگەندە ئۇنى ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنىۋاتقان يوشۇرۇن جىنايەت دەپ قاراشقا بولىدۇ. خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى بۇنىڭغا ماس كېلىدۇ. شۇڭا بۇ يوشۇرۇن جىنايى قىلمىشلارنى قەستەن ياكى مەقسەتسىز ھالدا قوللىغان ۋە ئۇنىڭدىن نەپ ئالغان كارخانىلار خۇددى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن نۇربېرگ سوت مەھكىمىسىدە بىر قىسىم گېرمانىيە سانائەتچىلىرى سوتلانغانغا ئوخشاش جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ».

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى خىتايدىن مال تەمىنلەۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە قۇل ئەمگىكى بار-يوقلۇقىنى مۇستەقىل ھالدا ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرۈشى، زۆرۈر تېپىلسا خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىن ۋاز كېچىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەپ خىتاب قىلغان: «ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىقى ئاساسىدا بۇ مەسىلىدىكى بېسىمنى ۋە تەسىر كۈچنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئامېرىكا شىركەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۆزلىرىنىڭ كارخانا مەسئۇلىيىتىگە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ ۋەھشىيلىكلەرگە شېرىك بولۇشنى خالىمايدىغانلىقى، زۆرۈر تېپىلسا خىتايدىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە تەييارلىقىنى كۈچلۈك ۋە كوللېكتىپ ھالدا بىلدۈرۈپ قويۇشى كېرەك».

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش مەسىلىسىگە جىددىي قارايدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ۋە ماقالىسى ئاخىرىدا «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى بىر مىللەتكە سىستېمىلىق زىيانكەشلىك قىلىش يۈز بېرىۋاتقان ھازىرقىدەك ھالقىلىق بىر پەيتتە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئورنىدىن دەس تۇرۇشى، ئەڭ توغرا تاللاشتۇر» دېگەن.