نۇرىي تۈركەل «CNN» تېلېۋىزىيەسىدە كىرىستىيان ئامانپورنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل «CNN» تېلېۋىزىيەسىنىڭ داڭلىق مۇخبىرى كىرىستىيان ئامانپورنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ زىيارەتتە ئۇيغۇر ئېلىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر بولۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىل تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە بۇنداق جىنايەتلەرنىڭ يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. نۇرىي تۈركەل سۆزىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، مۇھىم بولغىنى بۇنىڭغا قارشى نېمە قىلىشتۇر» دېدى.

نۇرىي تۈركەل سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى ئاساسىدىكى تاۋارلارنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئىمپورت قىلىنىش مەسىلىسىدە نۇقتىلىق توختالدى. ئۇ «خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگىكى بەدىلىگە كەلگەن تاۋارلارنى چەكلەش ئۈچۈن، يۇقىرى پەن-تېخنىكا بىلەن قوراللاندۇرۇلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن يېتەرلىك تەدبىر ئالمىدى. بىز داۋاملىق تارىخ تەكرارلىنىدۇ، دەيمىز. بىراق تارىخنىڭ تەكرارلىنىشىغا ئۆزىمىز يول قويۇۋاتىمىز» دېدى.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى كىرىستىيان ئامانپورغا قىلغان سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى، مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ئۈچۈن سىياسەتچىلەر پەقەت ئەندىشىسىنى ئىپادە قىلىپ قويسىلا بولمايدۇ، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ كەسكىن تەدبىر قوللىنىشى كېرەك» دېدى.