ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەلنىڭ دادىسى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى ئابلىكىم مۆمىن ئەپەندى 1-ئاپرېل، يەنى رامازاننىڭ تۇنجى كۈنى 83 يېشىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ۋاپات بولغان.
ئابلىكىم مۆمىن ئەپەندى 2006-يىلدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىشى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ چەت ئەلدىكى پەرزەنتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرى تۈركەلنىڭ ئامېرىكادا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرى سەۋەبلىك ئاتا-ئانىسىنىڭ چەت ئەلدىكى پەرزەنتلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى چەكلەپ كەلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ جەرياندا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل تەقىپ قىلىشى، بېسىم ئىشلىتىشى، سوئال-سوراق قىلىشى، بىر مەزگىل جازا لاگېرلىرىغا قامىشىغا دۇچار بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2018-يىلى يازدا ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىگە قارىماي مەجبۇرىي رەۋىشتە ئاتالمىش كۈندىلىك «قايتا-تەربىيەلەش» كە قاتناشتۇرغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى ۋە ئامېرىكادا تونۇلۇشى، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇنلارنىڭ چىقىرىلىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىگە مەسلىھەت بېرىش، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن نۇرى تۈركەلنى ئۆزىنىڭ ئىمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چەكلىگەن ئىدى.
ئابلىكىم مۆمىن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتى چەت ئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى چوڭقۇر قايغۇغا سالغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، نۇرى تۈركەلنىڭ دادىسىنىڭ ۋاپاتىدىن چەكسىز ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا: «نۇرى تۈركەلدەك بىر سىياسىي پائالىيەتچىنى يىتىشتۈرگەن مەرھۇم ئۇستازىمىز ئابلىكىم ئەپەندىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىمىز ۋە غورۇر تۇيىمىز! مەرھۇم ئابلىكىم ئەپەندىم فاشىست خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تۈرلۈك تەھدىت، بېسىم ۋە خورلاشلىرىغا ھېچبىر زامان بويۇن ئەگمىدى،» دېيىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىكىم مۆمىن ئەپەندى 2-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچىدە دەپنە قىلىنغان.
