نۇرى تۈركەل ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، خۇدسون ئاقىللار مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل 21-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن.

يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش سېپىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىپ كەلگەن نۇرى تۈركەل، 2020-يىل 5-ئايدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم تەرىپىدىن ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارلىقىغا تەيىنلەنگەنىدى؛ ئۇ بۇ ئورۇندىكى خىزمەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تەسىرى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنۈپ، «دەۋر» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە 100 شەخس» بولۇپ باھالانغان بولسا، «بايلىق» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «دۇنيادىكى 50 چوڭ يېتەكچى» دېگەن شەرەپكە نائىل بولغانىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا، نۇرى تۈركەل ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتىگە تەسىرى كۆرسىتەلەيدىغان تەتقىقات ئورگىنى بولغان خۇدسون ئاقىللار مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قارارلارنى ئېلىشىدا بەلگىلىك رول ئويناپ كەلگەن. ئۇ خۇدسون ئاقىللار مەركىزىدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ، كۆپلىگەن سىياسەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرۇلۇق سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، «قېچىش يولى يوق» ناملىق كىتابىنى نەشر قىلىپ، خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە پۈتۈن دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتقان ۋە خېلى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.

نۇرى تۈركەلنىڭ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىنىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق بىر خەۋەر بولۇپ، بۇ ھەقتە يېزىلغان باھالار ۋە تەبرىكلەردە ئۇنىڭ مەزكۇر كومىتېتتىكى خىزمەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا كۈنتەرتىپتە بارغانچە مۇھىم ئورۇنغا ئۆتۈۋاتقانلىقى، شۇنداقلا نۇرى تۈركەلدىن كۈتۈلگەن ئۈمىد-ئارزۇلار ئىپادىلەنگەن.