نۇرى تۈركەل 30-ئاۋغۇست تەيۋەندە ئېچىلىدىغان دىنىي ئەركىنلىك يىغىندا نۇتۇق سۆزلەيدۇ

ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان رايون خاراكتېرلىك دىنىي ئەركىنلىك دىئالوگىنىڭ يىغىنى 30-ئاۋغۇست تەيۋەندە ئېچىلىدۇ. ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن، ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى راشاد ھۆسەيىن قاتنىشىدىغان بۇ يىغىندا، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، خادسون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى نۇرى تۈركەل نۇتۇق سۆزلەيدىكەن. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا نۇرى تۈركەل يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى ئاساسلىق سۆزلىگۈچى بولۇپ، ئۇ نۇتقىدا مەركەزلىك ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توغرىسىدا سۆزلەيدىكەن.

30-ئاۋغۇست تەيبېي شەھىرىدە باشلىنىدىغان يىغىننىڭ تۇنجى كۈنىدىكى يىغىن كۈنتەرتىپىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ باشلىقى، دېموكراتىيە فوندىنىڭ رەئىسى يو شىكۈن ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەيدىغان بولۇپ، يىغىندا يەنە ئامېرىكانىڭ تەيۋەندە تۇرۇشلۇق دىپلوماتيىە ئورنى دەپ قارىلىدىغان «ئامېرىكا تەيۋەن ئىنستىتۇتى» نىڭ دىرېكتورى ساندرا ئ‍ودكرىك، ئامېرىكانىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك باش ئەلچىسى راشاد ھۈسەيىن، تەيۋەن پرېزىدېنت سەي يىڭۋېننىڭ ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەيدىغانلىقى مەلۇم.

ئۇنىڭدىن سىرت نۇرى تۈركەل 31-ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى يەنە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا تېخنولوگىيەدىن قانداق پايدىلىنىۋاتقانلىقى توغرىلىقمۇ سۆزلەيدىكەن، شۇنداقلا سەيشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى پرېزىدېنت سەي يىڭۋېن، تەيۋەن پارلامېنتىنىڭ باشلىقى يو شىكۈن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ ھەم ئامېرىكانىڭ تەيۋەندە تۇرۇشلۇق غەيرىي رەسمىي باش ئەلچىسى ساندىرا ئودكىېرك بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشىدىكەن.

نۇرى تۈركەلنىڭ تەيۋەن زىيارىتى ۋە بۇ قېتىمقى يىغىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسىي پېلۇسى يېقىندا تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى پېلۇسىنىڭ زىيارىتىنى باھانە قىلىپ تەيۋەنگە قارىتا قوراللىق تەھدىتنى كۈچەيتكەن بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگەن.