«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى: «خىتاي بىلەن بولغان مۇئامىلە ئەخلاقىي قىممەت قاراشلىرىمىزنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بولماسلىقى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.10.10

9-سېنتەبىر كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە «خىتاي بىلەن مۇئامىلە قىلىش ئەخلاقىي قىممەت قاراشلىرىمىزدىن ۋاز كېچىشكە ئەرزىمەيدۇ» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالىنى مەزكۇر گېزىتنىڭ ئىستون يازغۇچىسى فەرھاد مانجۇ يازغان بولۇپ، ئۇ ماقالىسىنى «بىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە تېخنولوگىيە خىتاينى ئەركىنلەشتۈرىدۇ، دەپ قارىدۇق. ئەكسىچە ئۇ بىزنى چىرىتتى» دېگەن جۈملە بىلەن باشلىغان.

ئۇ ماقالىسىدە دۇنيادىكى قۇدرەتلىك ھاكىممۇتلەق دۆلەتكە ئايلانغان خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى رەت قىلغاننى ئاز دەپ دۇنيادا تېخى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە يۇقىرى تېخنىكىلىق بېسىم ئاپپاراتلىرىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ ئۇنداق دېگەن: «خىتاي مانا بۇ بېسىم ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ غەربىگە جايلاشقان شىنجاڭ رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. بۇ ئىلگىرى تىبەتتە يۈرگۈزۈلگەندىن نەچچە ھەسسە ئېغىر،» دېگەن.

ئاپتور ئىقتىسادىي جەھەتتىن قاتتىق كۈچلەنگەن خىتاينىڭ ئۆز تەسىر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، پۈتۈن دۇنيانى چىرىتىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ خىتاي بىلەن بولغان زىددىيەتنى پەقەتلا بىر سودا كىرىزىسى، دەپ قارىماسلىقنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ يېقىندا ئامېرىكا ۋاسكېتبول كوماندىسى NBA نىڭ خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىنى قوللىغان بىر تىۋىتى سەۋەبلىك خىتايدىن كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇر بولغانلىقىدەك ئەپسۇسلىنارلىق ۋەقەنى تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكادا ۋە شۇنداقلا دۇنيادا ئەركىنلىك ۋە دېموكرات «غايەت زور مۇز تاغنىڭ پەقەتلا سىرتقا كۆرۈنگەن كىچىك بىر قىسمى،» دەپ كۆرسەتكەن. ئاپتورنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ئەگەر ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر بۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتلەنمەيدىكەن، قىسقا مۇددەت ئىچىدىلا دۇنيانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاينىڭ رامكىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە خىتاينىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ھاكىممۇتلەق تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان جايلارغا ئايلىنىدىكەن. ئۇ بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ 8 چوڭ يۇقىرى تېخنولوگىيە شېركىتىنى چەكلىشىنى تولىمۇ جايىدا ئېلىنغان بىر قارار، دەپ قارشى ئېلىش بىلەن بىرگە يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتايغا قارشى سىستېمىلاشقان تەدبىرلەرنى ئېلىشقا ئۈندىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.