نيۇ-يوركتىكى يەھۇدىيلار ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى قىلدى

30-ئاۋغۇست كۈنى بىر تۈركۈم يەھۇدىيلار جامائىتى نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئەيىبلىدى.

«ئىسرائىلىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىلىشى ھەمدە روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىكى قىيناقلارغا ئۇچرىشى ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن. ئۇلار نامايىش جەريانىدا لاگېر شاھىدلىرىنىڭ بايانلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇغان ھەمدە «ئەمدى قايتىلانمايدۇ!» دەپ شوئار توۋلىغان.

بۇ قېتىمقى نامايىش ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىرى خودي نېمېس بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «بىز بۇ يەرگە ‹ئەمدى بۇ زۇلۇمغا قارشى ئۇيقۇمىزنى ئاچىدىغان پەيت كەلدى› دېگەن ئۇچۇرنى جاكارلىغىلى كەلدۇق. چۈنكى بىز ھېلىمۇ كۆپ ئۇخلىدۇق» دېگەن.