ئوباما بىلەن پۇتىن سۈرىيە مەسىلىسى ھەققىدە تېلېفوندا سۆزلەشتى


2016.02.14

شەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن تېلېفوندا سۆزلىشىپ ئۇكرائىنا ۋە سۈرىيە مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە پرېزىدېنت ئوباما رۇسىيىنىڭ سۈرىيىدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچى كۈچلەرگە قارىتا ھاۋا ھۇجۇمىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. پرېزىدېنت ئوباما يەنە سۈرىيىدىكى قامال قىلىنغان رايونلارنى تېزلىكتە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى بىلەن تەمىنلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن.

كرېمىل باياناتچىسى 14 - فېۋرال تارقاتقان ئۇچۇرىدا ئىككى پرېزىدېنتنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇش رايونىدا ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئۇ جايغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى كۆرسىتىشنى قوللاش پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ببس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىن سۈرىيىدە بىرلىككە كەلگەن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش فرونتى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىككى مەملىكەت رەھبىرى سۈرىيە مەسىلىسى بويىچە ميۇنخېندا 11 - 12 فېۋرال بولۇپ ئۆتكەن يىغىن نەتىجىلىرىنى ئىجابىي باھالىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.