پرېزىدېنت ئوباما رامىزانلىق ئىپتار بەردى
2013.07.26
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما پەيشەنبە كۈنى ئاقسارايدا ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلارغا رامىزانلىق ئىپتار بەردى. ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ ھەر يىلى مۇسۇلمانلارغا رامىزاندا ئىپتار بېرىشى ئادەتكە ئايلانغان. بۇ قېتىمقى ئىپتار پرېزىدېنت ئوبامانىڭ 2009-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان 5-قېتىم ئىپتار بېرىشىدۇر.
ئۇ، ئىپتار زىياپىتىدە قىلغان سۆزىدە: رامزان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۆزىنى ئىپادىلەش ۋاقتى. ئىبادەت ۋە روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئاللاھغا قۇللۇق بىلدۈرۈش پۇرسىتى. بىراق بۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز بۈگۈن بۇ يەردە جەم بولغاندەك ئائىلە ۋە دوستلارنىڭ سۆيگۈ ۋە ھۆرمەت ئىچىدە بىر يەرگە جەم بولۇپ، بىر -بىرىمىزگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزنى، شۇنداقلا قوشنا -قولۇم ۋە ئارىمىزدىكى مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىش مەسئۇلىيىتىمىزنى تەكرارلاش ۋاقتىدۇر، دەپ كۆرسەتتى.
ئاقسارايدىكى ئىپتارغا ئامېرىكىلىق مۇسۇلمان كارخانىچىلار، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، دىنىي ساھەدىكى زاتلار، ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىندى. پرېزىدېنت ئوباما ئىپتار زىياپىتىدىكى سۆزىدە يەنە، ئامېرىكىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكا تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسىنى مەدھىلەپ: تارىخىمىز بويىچە ئىسلام دۆلىتىمىزنىڭ خاراكتېرىگە ھەسسە قوشتى. مۇسۇلمان ئامېرىكىلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ جاپالىق خىزمىتى دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلدى. بىز بۈگۈن بۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆرمەكتىمىز، دېدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ ھەر يىلى رامىزاندا مۇسۇلمانلارغا ئىپتار بېرىش ئادىتى، سابىق پرېزىدېنت بىل كلىنتون دەۋرىدىن باشلانغان.