ئاقساراي جۈمە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ يېقىندا 3 دۆلەتكە قىلىدىغان زىيارىتىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پرېزىدېنت ئوبامانىڭ مەسلىھەتچىسى بېن رودېسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوباما بۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا گېرمانىيە، گرېتسىيە ۋە پېرۇنى زىيارەت قىلىپ، پېرۇدا ئاسىيا تىنچ- ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.
بېن رودېس، ئوبامانىڭ پېرۇدا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئارىسىدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بېن رودېسنىڭ قەيت قىلىشىچە، يىغىندا ئوباما يەرشارىلىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسىلىلەرگە ئۈنۈملۈك جاۋاب بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى» ھەققىدە سۆزلەيدىكەن. بۇ ئوبامانىڭ كېلەر يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىسىنى يېڭى سايلانغان جۇمھۇرىيەتچى پرېزىدېنت دونالد ترامپقا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن بۇرۇن ئېلىپ بارغان ئاخىرقى چەتئەل زىيارىتى بولۇپ قالىدۇ.
جۇمھۇرىيەتچى پرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئېرىشكەن غەلىبىسى، دۇنيادا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. دونالد ترامپ، سايلام جەريانىدىكى ۋەدىسىدە، ئەگەر سايلىنىپ قالسا ئامېرىكىنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسىتىدە زور ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئوباما بۇ سەپىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا تەسەللى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئاقساراي جۈمە كۈنى يەنە، ئوبامانىڭ بېرلىندا گېرمانىيە رەھبەرلىرىدىن باشقا، فىرانسىيە، ئەنگلىيە رەھبەرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بېن رودېسنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئوباما دېموكراتىيىنىڭ تۇغۇلغان بۆشۈكى- گرېتسىيە پايتەختى ئاتېنادا نۇتۇق سۆزلەيدىكەن.
