خىتاي ئۆكتىچىلەر ئوبامانى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە قانۇنغا ئەمەل قىلىش مەسىلىسىنى سوراشقا چاقىردى
ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى» ناملىق خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا «خىتاي نېمىشقا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى ئاپتونوم ھوقۇقىغا ئەمەل قىلمايدۇ» دېگەن سوئالنى قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.
-
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-04-01 -
-
-
ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى» ناملىق خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا «خىتاي نېمىشقا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى ئاپتونوم ھوقۇقىغا ئەمەل قىلمايدۇ» دېگەن سوئالنى قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.
مەزكۇر تەشكىلات پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئوبامانىڭ شى جىنپىڭدىن 4 ھالقىلىق سوئال سورىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭدا پرېزىدېنت ئوباما، «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 4-ماددىسىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشى نېمە ئۈچۈن رەت قىلىنىدۇ؟.... ئەگەر ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قانۇنسىز يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتمىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كوممۇنىزم پېشۋاسى-كارل ماركس قويغان ساقال-بۇرۇت قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ، دەپ سورىشى كېرەك» دېيىلگەن.
پرېزىدېنت ئوباما شى جىنپىڭ بىلەن پەيشەنبە كۈنى ئايرىم كۆرۈشۈپ، شىمالىي كورېيە يادرو سىنىقى قاتارلىق بەزى ھالقىلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
«خىتاي پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى باياناتىدا، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دىنىي ئەركىنلىك، «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» نى قوراللىق باستۇرۇش، «دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» قا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى سورىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئۇلار يەنە، پرېزىدېنت ئوبامانى ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، ئالاقىدار قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقان بىر شەخسكە ئىشىنىپ كەتمەسلىككە چاقىرىپ، ئۇنىڭ «خەلقئارا تەن جازاسىنى چەكلەش نىزامى»، «پۇقرالىق-سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسى» ۋە ئۇ ئىمزا قويغان باشقا خەلقئارا مىزانلارغا ئەمەل قىلىشى گۇمانلىق، دېگەن.