ئوباما تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016.02.21

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئىشخانىسى جۈمە كۈنى بايان ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە ئالاقىدار خەۋپسىزلىك ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئاشكارىلىدى.

تۈركىيەدىن چىقىدىغان «سابا كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما چارشەنبە كۈنى تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە 28 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان تېررور ھۇجۇمىدىن كېيىن ھال سوراش ئۈچۈن ئەردۇغانغا تېلېفون قىلغان. ئۇلار تېلېفوندا 1 سائەت 20 مىنۇت سۆزلەشكەن.

ئوباما سۈرىيە چېگراسى ئىچىدىكى كۇرد PYD سىياسىي پارتىيەسى ۋە YPG قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، ئوباما سۈرىيە كۇردلىرىنىڭ يېقىندا قولغا كەلتۈرگەن غەلىبىلىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ يەنىمۇ كەڭ زېمىن ئىگىلەش قەستىدە بولماسلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ تۈركىيەنىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغان.

تۈركىيە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، رەجەپ تاييپ ئەردۇغان ئامېرىكىغا خىتاب قىلىپ، ئۇلارنىڭ سۈرىيە ئىچىدىكى كۇردلارنى قوللاشنىتوختىمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.

تۈركىيە سۈرىيە ئىچىدىكى YPG كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تۈركىيە ئىچىدىكى تېررورچى تەشكىلات PKK نىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىنى ئۇلارنىمۇ «تېررورچى تەشكىلات» دەپ تونۇشقا چاقىرىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا YPG نى ئىسلام دۆلىتىگە قارشى ئۇرۇشتا كېرەكلىك، دەپ قاراپ ئۇلارنى قوللاشنى توختاتمىغان ئىدى.

بۇ سەۋەبتىن تۈركىيە - ئامېرىكا ئارىسىدىكى پىكرى ئىختىلاپى كۈچەيگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.