ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ۋېتنامنى زىيارىتىنى باشلىدى
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئۆزىنىڭ ئاسىيا سەپىرىنى باشلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن بىرىنچى بېكەت سۈپىتىدە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ۋېتنامنى تاللىغان بولۇپ، پرېزىدېنت ئوباما شۇ يەرنىڭ ۋاقتى يەكشەنبە كۈنى ئاخشامدا خانويغا يېتىپ كەلدى.
-
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-05-22 -
-
-
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئۆزىنىڭ ئاسىيا سەپىرىنى باشلىدى. ئۇ ئالدى بىلەن بىرىنچى بېكەت سۈپىتىدە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ۋېتنامنى تاللىغان بولۇپ، پرېزىدېنت ئوباما شۇ يەرنىڭ ۋاقتى يەكشەنبە كۈنى ئاخشامدا خانويغا يېتىپ كەلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېتنامدا ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىغان پرېزىدېنت ئوباما دۈشەنبە كۈنى ۋېتنام رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدىكەن ھەمدە خانويدا ئامېرىكا - ۋېتنام مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيدىكەن.
بۇ قېتىم ئاساسلىقى ۋېتنامغا قارىتىلغان قورال - ياراق توشۇش چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تالاش - تارتىشىغا ئائىت مەسىلىلەر ۋە باشقىلار مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن.
پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ۋېتنام زىيارىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى سىياسىتى، جۈملىدىن ئامېرىكا - ۋېتنام ھەمكارلىقلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئانالىز قىلىنماقتا.
پرېزىدېنت ئوباما ۋېتنام سەپىرىدىن كېيىن 26 - 27 - ماي كۈنلىرى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، 7 سانائەت دۆلىتى ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەمدە 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاتوم بومبىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىنى زىيارەت قىلىدىكەن.