ئاقساراي ئوبامانىڭ خىتاي ۋە لائۇسنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2016.08.18
بۈگۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئوبامانىڭ بۇ يىل 9 -ئايدا خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتىگە دائىر بەزى ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى. ئاقسارايدىن بېرىلگەن باياناتتىن قارىغاندا، ئوباما بۇ يىل سېنتەبىرنىڭ بېشىدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان گ-20 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن ۋە ئۇ يەردە ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.
ئوباما بۇ قېتىم خىتايغا قىلىدىغان زىيارىتى داۋامىدا يەنە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەنمۇ ئايرىم ئۇچرىشىدىكەن. ۋال سرىت ژۇرنىلىدا ئېيتىلىشىچە، ئوباما بۇ جەرياندا شى جىنپىڭ بىلەن جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىدىكەن.
گ-20 باشلىقلار يىغىنى خىتاينىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئېچىلىدىغان بولۇپ، يىغىن ئېچىلىشتىن بۇرۇن شەھەردە ئېلىنىۋاتقان كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتارىدا نەدە ئۇيغۇر كۆرسە مەلۇم قىلىش ھەققىدە تارقىتىلغان بىر ئۇقتۇرۇش ئاشكارىلىنىپ كېتىپ كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلغان ئىدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى يىغىنغا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى سەمىگە سېلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئەمما ئاقساراينىڭ باياناتىدا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدىكى كۈن تەرتىپىدە بار-يوقلۇقى تىلغا ئېلىنمىغان. ئوباما خىتايدىن يېنىپ، لائۇسقا يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ئامېرىكا-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ، ئوبامانىڭ 11-قېتىم ۋە شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىم ئاسىيا دۆلەتلىرىگە قاراتقان رەسمىي زىيارىتى بوپقالىدىكەن.









