بېيجىڭدا ئاھالىلەر بىنالىرىغا ئورنىتىلغان ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئۈسكۈنىلىرى نارازىلىق قوزغىغان

«خىتايغا نەزەر»تورىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرىدىكى چاۋياڭ ئاھالىلەر رايونىدىكى بىر قىسىم بىنالارنىڭ كارىدورىغا ئوغرىلىقچە ئورنىتىلغان ئاڭلاش ئۈسكۈنىلىرى شۇ يەردىكى ئاھالىلەر تەرىپىدىن بايقىلىپ، نارازىلىق قوزغىغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ خىل ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق شۇ رايوندىكى كىشىلەرنىڭ تېلېفون ۋە باشقا ئاۋازلىق دېتاللار ئارقىلىق سۆزلەشكەن ئاۋازلىرى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ باش ئاپپاراتىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن.

خىتايدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىقلارنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۇچۇر ئىگىلەش، تور بەتلەرنى كونترول قىلىش ۋە تور ساقچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئاھالىلەر رايونلىرىدىمۇ كامېرا ۋە ئوغرىلىقچە ئاڭلاش ئەسۋاپلىرىنى ئورنىتىشى ئومۇملاشقان. رادىئومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇرلارمۇ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا سۆھبەتلەشكەن ياكى ئائىلىۋى ئولتۇرۇشلارنى قىلغان چېغىدا، بىخەتەرلىكنى نەزەردە تۇتۇپ، شۇ ئۆينىڭ تېلېۋىزورىغا ئۇلانغان سىملىق تېلېۋىزور قانىلىنىڭ سىمىنى، ئۆي تېلېفونىنى توكتىن ئۈزۈۋېتىش، كومپيۇتېر قول تېلېفونى قاتارلىقلارنى ئېتىۋېتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.