كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنتېرنېت ۋە ئۇچۇرنى قانۇن نامى ئاستىدا قامال قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
سوفى خانىم باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەت مىقياسى بويىچە تور بەتلەرگە ئۆز ئىسمى بىلەن تىزىملىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن تەڭ، تور بەت ۋە تېلېفون ئەپ شىركەتلىرىنىمۇ قوللانغۇچىنىڭ ئۇچۇرىنى، تورغا يوللىغان مەزمۇنىنى ساقلاشقا ۋە ئۇنى قەرەللىك مەزگىلدە دۆلەتكە دوكلات قىلىپ تۇرۇشىنى شەرت قىلىدىغان تۈرلۈك تەدبىر-نىزاملارنى بېكىتكەنلىكىنى، بۇنى ئاز دەپ يەنە مەخسۇس «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» نى ماقۇللىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «ئىنتېرنېت ئاللىقاچان شۇنداق قاتتىق باشقۇرۇلۇۋاتقان يەردە بۇنداق بىر قانۇننى ماقۇللاشنىڭ نېمە ھاجىتى بار ئىدى. دېمەك خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ پىكىر-ئۇچۇر ئەركىنلىكىگە قىلىۋاتقان باستۇرۇشىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش ئارقىلىق ئۈستىنى ياپماقچى» دېگەن.
باياناتتا يەنە، خىتاي كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى يىللاردىن تارتىپلا ئۆكتىچىلىكنىڭ ھەرقانداق بىر بېشارىتىدىن خەۋەردار بولۇش ئۈچۈن، پارتىيە ئەزالىرىنى بىر-بىرىگە قارانچۇق قىلىپ قويغانلىقى، كېيىن مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىگە كەلگەندە بۇ ۋەزىپىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارا ھەتتا ئەر-خوتۇن ۋە پەرزەنتلەرگىچە كېڭەيتىلگەنلىكى، بۈگۈنكى كۈندە بولسا ئىنتېرنېت تور بەتلىرىنى تەقىب قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.