خىتاي ئۆكتىچى ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىنى داۋاملىق پاراكەندە قىلماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.11.04

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى «گۆرۈگە ئېلىۋېلىش» ئارقىلىق چەتئەلدىكى ئۆكتىچى پىكىرلەرنى ئۇجۇقتۇرماقچى بولۇشىدىن ئانچە كۆپ كىشىلەر خەۋەردار ئەمەس. «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىدە بۇ ئەھۋال تەپسىلىي بايان قىلىندى.

ماقالىدە ئەنگلىيەدە ئولتۇرۇشلۇق مەريەم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ كىشىلەر تولىمۇ ھەۋەس قىلىدىغان مەلۇم بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان ھەمدە دوستلىرى بىلەن خىتاي تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئاتا-ئانىسىنىڭ «ئەمدى بىز بىلەن ئالاقە قىلمىغىن» دېگەن ئۇچۇرنى يوللىغاندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشى مۇشۇ خىلدىكى ئەھۋاللارنىڭ ئاددىيغىنە بىر مىسالى شەكلىدە بېرىلىدۇ. مەريەم گەرچە بىرنەچچە قېتىم ۋەتەنگە قايتىپ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈشنى ئويلىغان بولسىمۇ «سىياسىي مەسىلە» سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت غايىب بولۇپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۇنى توختىتىپ قويغان.

كېيىنچە ئاپتور دىققەت قىلغان يەنە بىر ئەھۋال ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىدە ئاكتىپ بولغان بىر قىسىم كىشىلەردىن شۇ جايدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى تارتىدىغانلىقى بولغان. ئۇ پاراڭلاشقان ئابدۇكېرىم ئىسىملىك بىرەيلەن بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلاردا «ئارىمىزدا جاسۇس بار» دەپ ‍ئۆزىنىڭ سايىسىدىن ئۆزى ئۈركۈشنىڭ بەكمۇ ئېغىرلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ لوندوندا ئۆتكەن بىرنەچچە يىللىق ھاياتىنى ئەسلەش ئارقىلىق «ھازىر مەن ئۇيغۇر جاسۇسلار راستىنلا ھەممىلا جاينى قاپلاپ كەتكەنمىدۇ ياكى بىز ھاكىممۇتلەق ھاكمىيەتنىڭ چالغان دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ يۈرۈۋاتىمىزمۇ، دەپ ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.