شاڭخەيلىك پروفېسسور جياڭ خۇڭ ئىككى يىغىندىكى بىردىن - بىر ئۆكتىچى دەپ مەدھىيەلەنمەكتە

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.03.16


شاڭخەي مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى جياڭ خۇڭ بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى يىغىن داۋامىدا كومپارتىيەدىن پەرقلىق گەپ قىلىشقا تىرىشقان ۋە جۈرئەت قىلالىغان بىردىن - بىر ئۆكتىچى زات دەپ مەدھىيەلەنمەكتە. ب ب س نىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، جياڭ خۇڭ يىغىن مەزگىلىدە سەيشىن ناملىق بىر تور ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ «بىر جەمئىيەت بىرلا خىل ئاۋازغا قۇلاق سالسا، ئۇ چوقۇم خاتالىشىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە ئارقىدىن «بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، مەسىلىگە چېتىشلىق بارلىق تەرەپلەرنىڭ پىكرى ئېلىنىشى كېرەك»لىكىنى تەكىتلىگەن. ئەمما بۇ زىيارەت خاتىرىسى دائىرىلەر تەرىپىدىن ئۆچۈرىۋېتىلگەن.

جياڭ خۇڭ بۇنىڭ ئارقىدىن يەنە بىر تور ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق بايانلىرى سەۋەبلىك سوراققا تارتىلغانلىقىنى ۋە بۇ سوراقنىڭ نىسبەتەن قورقۇنچلۇق بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان؛ جياڭ خۇڭنىڭ بۇ سۆزلىرىمۇ توردىن ئۆچۈرىۋېتىلگەن. جياڭ خۇڭ ئۈچىنچى قېتىمدا نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ئۆزى تەۋە ۋەكىللەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن. جياڭ خۇڭ بۇ پۇرسەتتىمۇ گېزىت مۇخبىرىغا ۋەكىللەرنىڭ ئۆز ئىرادىسى بويىچە گەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى نۆۋىتى كەلگەندە رەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە بېيجىڭدا بۇ قېتىم ئېچىلغان ئىككى يىغىن داۋامىدا جياڭ خۇڭدىن باشقا ھېچقايسى ۋەكىل ئۆكتىچى مەيداندا پىكىر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.