خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيەگە تۇتقان پەرقلىق پوزىتسىيەسى كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىدى
2022.03.03
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغان رۇسىيەنى ئەيىبلەپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتايغا قارشى سۈكۈت قىلىشتەك ئىككى يۈزلىمىچىلىكى قاتتىق ئەيىبلەنمەكتە.
رۇسىيە ئۇكرايىناغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغاندىن كېيىن، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى چاقماق تېزلىكىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن ئىدى. ئۇلار رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى ئولىمپىك ئوردېنىدىن مەھرۇم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن بىرگە، خەلقئارا تەنتەربىيە ئورگانلىرىنى رۇسىيە ۋە بېلورۇسىيە تەنھەرىكەتچىلىرىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشكە چاقىرغان.
گەرچە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇ قارارلىرى دانالارچە بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تېخى يېقىندىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى ساھىبخانلىقىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئارىسىدىكى بۇ ئاسمان-زېمىن پەرق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرىستوفىر سىمىس بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەخلاق جەھەتتە ۋەيران بولغان تەشكىلات. ئۇنىڭ ھەرىكىتىدە بىردەكلىك يوق» دېگەن.
2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئالدىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بۇ ئولىمپىكنى بىكار قىلىش ياكى يۆتكەش ھەققىدىكى بارلىق چاقىرىقلارغا پىسەنت قىلمىغان، ھەتتا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخ مۇسابىقە ئالدىدىكى بىر باياناتىدا «خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى سىياسىي جەھەتتىن بىتەرەپ بىر ئورگان، بىز سىياسىي مەسىلىلەرگە باھا بەرمەيمىز» دېگەن ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى كىرىس سىمىس سۆزىدە «گەرچە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ روسىيەنى تېزدىن چەكلىشى توغرا بىر قەدەم بولسىمۇ، ئەمما ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بىكار قىلىش تەلىپىنى رەت قىلىشى ئۇلارنىڭ مۇناپىقلىقىنى ئاشكارىلاپ بېرىدۇ» دېگەن.
دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جېننىفىر ۋەكىستونمۇ ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسدە «سىياسىي بىتەرەپلىك» دېگەن باھانىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنىۋالغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئىنسانلىق كىرىزىسىنى «سىياسىي مەسىلە» دەپ ئاتىۋالغان ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزىغا قايتۇرغان ئىنكاسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ كۈچلۇك ئىنكاس قوزغىدى. تونۇلغان ژورنالىست مېلىسسا چېن تىۋىتتېردىكى ئىنكاسىدا «تەنتەربىيە سىياسەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئەمەسمىدى، ئۇ ھالدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى مەسچىتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە بىر مىليون ئۇيغۇرنى مەخسۇس نىشان قىلىپ تۇتقۇن قىلىشنى قوبۇل قىلىدىكەن-دە! ؟» دەپ يازغان.